گېرمانىيەدە 30 مىڭدىن ئارتۇق پاناھلىق تىلىگۈچى يوقاپ كەتتى

گېرمانىيەدە دائىرىلەرنىڭ پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسلىرى رەت قىلىنغان ۋە چېگرادىن چىقىرىۋېتىلىشقا تېگىشلىك 30 مىڭدىن ئارتۇق پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ نەدىلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

840335
گېرمانىيەدە 30 مىڭدىن ئارتۇق پاناھلىق تىلىگۈچى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Bild › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر خادىمى بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېگەن: «چەت ئەللىكلەر رويخەت تىزىملىكى ئىدارىسىنىڭ تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان، چېگرادىن چىقىرىۋېتىلىشقا تېگىشلىك بەزى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ، چەت ئەللىكلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرى بولماستىن، ياكى چەت ئەللىكلەر رويخەت تىزىملىكى ئىدارىسىغا بىلدۈرمەستىن باشقا دۆلەتكە كەتكەن بولۇش ياكى يوقاپ كەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.»

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2016 – يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرى گېرمانىيەدىكى چېگرادىن چىقىرىۋېتىلىشقا تېگىشلىك پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سانى 54 مىڭ 437 ئىكەن. بىراق فېدېرال ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇلاردىن پەقەت 23 مىڭ 617 كىشىلا ياردەم ئالالىغان بولۇپ، دائىرىلەر قالغان 30 مىڭ 820  كىشىنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيدىكەن.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، فېدېرال ھۆكۈمەت 2015 – يىلى سول پارتىيەنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، چەت ئەللىكلەرنى باشقۇرۇش ئورگىنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىلىشقا تېگىشلىك پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ نەدىلىكىنى تولۇق كۆزەتمىگەن.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «‹ Bild › گېزىتى» نىڭ ئىلتىماسىغا بەرگەن جاۋابىدا مۇنداق دېيىلگەن: «چەت ئەللىكلەر رويخەت تىزىملىكى ئىدارىسىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ۋە چېگرادىن چىرىۋېتىلىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ بەزى ئەھۋاللاردا دۆلەتتىن چىقىپ كەتكەن بولۇش ياكى مەلۇم جايلاردا يوشۇرۇنۇۋالغان بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى ھەقىقىي ئەھۋال چەت ئەللىكلەر رويخەت تىزىملىكى ئىدارىسىغا ئۆز ۋاقتىدا مەلۇم قىلىنمىغان بولۇشى مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر