بەششار ئەسەد دېيرۇز زۇرنى پۈتۈنلەي كونترول قىلدى
بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ نېفىت زاپىسى مول بولغان دېيرۇز زۇرنىڭ كونتروللۇقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قايتۇرۇۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
840411
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى سۈرىيەدە رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردىمىدە دېيرۇز زۇرنىڭ كونتروللۇقىنى پۈتۈنلەي قولىغا كىرگۈزدى.
بەششار ئەسەد قىسىملىرى دېيرۇز زۇردا توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، مەھەللىلەردە تازىلاش ھەرىكىتى باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بۇندىن ئۈچ ئاي بۇرۇن نېفىت زاپىسى مول بولغان دېيرۇز زۇردا دائېشنىڭ قورشاۋىنى بۆسۈپ تاشلىغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.