ناتو باش كاتىپى جەنۇبىي كورېيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا مۇھىم سۆز قىلدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قانداق بىر يەردىن قىلىنغۇسى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىغا قارشى تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

839483
ناتو باش كاتىپى جەنۇبىي كورېيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولغان ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «ھەرقانداق بىر ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش تەييارلىقىمىز بار. ناتونىڭ ھەر قانداق بىر يەردىن قىلىنغۇسى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىغا قارشى تەييارلىقى بار» دېدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا يېتىپ بارالىغۇدەك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ياساپ چىققانلىقىنى قەيت قىلغان باش كاتىپ ستولتېنبېرگ، شۇنداقتىمۇ ناتونىڭ شىمالىي كورېيەگە پەقەت دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جازالارنى يۈرگۈزۈشكە مەركەزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا، ستولتېنبېرگ بىلەن جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاڭ كيۇڭ-ۋخا، يېڭى شېرىكچىلىك پىلانى كېلىشىمى ئىمزالىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر