رۇس دىپلومات سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرگە تەھدىت سالدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندر لاۋرېنتىئېۋ، سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرگە سوچىدا چاقىرىشنى پىلانلاۋاتقان «مىللىي دىيالوگ قۇرۇلتىيى» غا قاتنىشىشى ئۈچۈن تەھدىت سالدى.

838566
رۇس دىپلومات سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرگە تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندر لاۋرېنتىئېۋ، قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا چاقىرىلغان 7 – نۆۋەتلىك سۈرىيە سۆھبىتى يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۆكتىچىلەر سوچىدا چاقىرىلىدىغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلمىغان تەقدىردە، «ئېغىر خەۋپكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ۋە سىياسىي مۇساپىسىنىڭ سىرتىدا» قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مەزكۇر قۇرۇلتايدا، مىللىي بىرلىك ۋە مۇۋەققەت ھۆكۈمەت مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «بولۇپمۇ ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى ناھايىتى مۇھىم، دەپ قارايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قۇرۇلتاي توغرىسىدا ب د ت  سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئىستېفان دې مىستۇرا بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن لاۋرېنتىئېۋ، ئۆكتىچىلەر ھەيئىتىگە خىتابەن، «ئالدىنقى شەرت قوشىدىغان، ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولمايدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇلارغا سۇنۇلغان ياردەم قولىنى ئىتتىرىۋەتكەنلىكىنى نامايان قىلغان بولىدۇ. بىز بۇنداق بولۇشىنى خالىمايمىز. سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز... ئۆكتىچىلەر قېتىلمىسا، ئېغىر خەۋپكە دۇچار بولىدۇ، سىياسىي مۇساپىنىڭ سىرتىدا قالىدۇ» دېدى.

ئالېكساندر لاۋرېنتىئېۋ، قۇرۇلتاينىڭ ب د ت نىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مىستۇرا بىلەن كۆرۈشۈۋاتىمىز. ئۇ ياكى ۋەكىلى بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدۇ» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر