ئامېرىكا بارزانى دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى مەسئۇد بارزانىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق باشلىقلىق سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

837584
ئامېرىكا بارزانى دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا، مەسئۇد بارزانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى بولۇشنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى قارارىغا ۋە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى پارلامېنتىنىڭ باشلىقلىق سالاھىيەتلىرىنى باشقا ئورگانلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە يۇقىرى بار بەرمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھېئىتېر نائۇئېرت باياناتىدا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانى ۋە باش مىنىستىر ياردەمچىسى كۇبات تالابانى بىلەن پائال ئالاقە ئورنىتىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە. كۈچلۈك بىر ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى، پۈتۈن ۋە فېدېراتىپ بىر ئىراقنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقى ۋە دائېشنىڭ مەغلۇپ قىلىنىشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئۇ يەنە، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەۋەلىكىدىكى پۈتكۈل سىياسىي پارتىيەلەرنى نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئىبادىنىڭ «دائېشقا قارشى كۈرەش» ۋە «ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن يېڭىدىن دىيالوگ ئورنىتىش» يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن باياناتچى ھېئىتېر نائۇئېرت، باغداد بىلەن ئەربىلنى ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى ۋە بارلىق توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر