«يەمەنگە ھەربىي مۇداخىلە داۋاملىشىدۇ»

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شەھزادە ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد بىن سەلمان يەمەنگە قىلىنغان ھەربىي مۇداخىلىنىڭ ئۈزلۈكسىز دۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

835548
«يەمەنگە ھەربىي مۇداخىلە داۋاملىشىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «‹ئەلئىخبارىييە› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەلمان رىيادتا رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، يەمەنگە قىلىنغان ھەربىي مۇداخىلىنىڭ ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان چېگرالىرىدا يېڭى بىر ھىزبۇللاھ تەشكىلاتى قۇرۇشىنىڭ ئالدى ئېلىنغانغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئېىيۇن ئېيىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك ۋە باشقا بارلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان كىرىزىس توغرىلىقمۇ توختالغان سەلمان، قاتار بىلەن يۈز بەرگەن كىرىزىسىنىڭ ئادەتتىكى بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ كىرىزىسنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بولغان ئىشەنچىسىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

نېفىت بازارلىرىغا ئالاقىدار ئەھۋالنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ نېفىت بازارلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان سەلمان، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت شىركىتى ئارامكونىڭ قىممىتىنىڭ 2 تىرىليون دولللاردىن ئېشىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ 2018 – يىلى ئوچۇق - ئاشكارا سېتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر