قائىم رايونىنى دائېشتىن ئازاد قىلىش ھەرىكىتى باشلاندى

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى ئەنبەر ۋىلايىتىنىڭ غەربىدىكى قائىم رايونىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئازاد قىلىش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

834967
قائىم رايونىنى دائېشتىن ئازاد قىلىش ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبادىنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قائىم رايونىنى دائېشتىن ئازاد قىلىش ھەرىكىتى باشلاندى. قىسىملىرىمىز دائېشنىڭ ئىراقتىكى ئاخىرقى قەلئەسى ھېسابلىنىدىغان قائىم، راۋا ۋە باشقا يېزا – قىشلاقلارغا قاراپ ئىلگىرىمەكتە. بۇ رايونلارنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋالىمىز. دەرۋەقە، دائېشنىڭ ئالدىدا يا ئۆلۈش ياكى تەسلىم بولۇشتىن باشقا يول يوق.»

باياناتتا يەنە، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ خەلق ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋاملىق زەپەر قازىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر