ئامېرىكا – ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا – ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى تەشكىلاتى ئاق ساراينىڭ ئالدىدا پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ساياھەت چەكلىمىسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

830197
ئامېرىكا – ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئامېرىكا – ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا كۆپلىگەن ئىشتاتلاردىن يۈزلەرچە كىشى قاتناشتى.

ئوخشىمىغان مىللەتلەرگە مەنسۇپ ئامېرىكا پۇقرالىرى بولغان نامايىشچىلار ترامپنىڭ ساياھەت چەكلىمىسىنىڭ مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

نامايىشچىلار ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئوخشىمىغان زامانلاردا ساياھەت چەكلىمىلىرىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مۇسۇلمانلارغا خاس چەكلىمىلەرگە قارشى تۇرايلى!» ۋە «مۇسۇلمانلارنىلا ھۇجۇم نىشانى قىلىشتىن ۋاز كېچىڭ!» تەرىقىسىدە شوئارلارنى توۋلاشتى.

ئاق ساراينىڭ ئالدىدىن ترامپقا ئائىت «< Trump International>  مېھمانخاىسى» غىچە يېتىپ بارغان نامايىشچىلار كېيىنچە تىنچ تارقاپ كېتىشتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 24 – سېنتەبىر كۈنى چىقىرىلغان ۋە 8 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان «ساياھەت چەكلىمىسى» قارارنامىسى ئۈستىدىن ئالدى بىلەن ھاۋايى فېدېرال تەپتىش ئەمەلدارى دېررىك ۋاتسون، ئارقىدىن مارىلاند فېدېرال تەپتىش ئەمەلدارى سىئېدور چۇاڭ توختىتىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغانىدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى بولسا مەزكۇر تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ ھۆكۈملىرى ئۈستىدىن نارازىلىق ئەرز سوت مەھكىمىسىگە ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا، ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر