تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى شىمالىي ئىراققا تاقىۋېتىلدى

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 – سېنتەبىر كۈنى ئىراقنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى دەپسەندە قىلىپ، قانۇنسىز ھالدا مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى شىمالىي ئىراققا تاقىۋېتىلدى.

828913
تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى شىمالىي ئىراققا تاقىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 – سېنتەبىر كۈنى ئىراقنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى دەپسەندە قىلىپ، قانۇنسىز ھالدا مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن كەركۈكتە شەھەرنىڭ دېموگرافىك قۇرۇلمىسىنى بۇزىدىغان شەكىلدە قەدەم تاشلىغانلىقتىن،  تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىنى شىمالىي ئىراققا تاقىدى.

بۇنىڭدىن كېيىن ئايروپىلانلار تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى ئارقىلىق ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى جايلاشقان ساھەلەرگە ئۇچالمايدۇ. ئۇ يەردىن قوزغالغان ئايروپىلانلارمۇ تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى ئىشلىتەلمەيدۇ. بۇ دائىرىدە ئىبراھىم خەلىل چېگرا ئېغىزىنىڭ ئىراق ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى ئۈچۈنمۇ خىزمەت ئىشلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر