خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى باشلاندى

خىتاي دۆلەت رەئىسى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى شى جىنپىڭ ئۆتكەن بەش يىلدا مۇھىم تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىدىغانلىقلىرىنى ۋە لىبېرال سودىغا ئىلھام بېرىدىغا

829403
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى خەلق چوڭ سارىيىدا باشلاندى. شى جىنپىڭ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا: «ئوتتۇرا سەۋىيەلىك پاراۋانلىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش يولىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرى» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، ئۆتكەن بەش يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم تەرەققىياتلار ۋە كېلەچەكتە گۈللەنگەن جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك نىشان ۋە خىزمەتلەر تىلغا ئېلىندى. شى جىنپىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزمنىڭ 2020- ۋە 2050-يىللىرى ئارىسىدا يېڭى دەۋرگە كىرىدىغانلىقىنى، بۇ مەزگىلدە ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە گۈللەنگەن، كۈچلۈك ھەمدە ماسلىشىشچان جەمئىيەت بەرپا قىلىش بىلەن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى شەھەر ۋە يېزىلار ئارىسىدىكى پەرق، رايونلار ئارىسىدىكى ئادىل بولمىغان كىرىم تەڭپۇڭلۇقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە يۈزلىنىشكە تەييار بولۇش كېرەك، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە قارشى تۇرۇش كېرەك. خەلقىمىز خىزمەت، مائارىپ، سەھىيە، ئۆز-زېمىن ۋە ياشانغانلارنى بېقىش ساھەلىرىدە نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ» دېدى.

ئۇ پارتىيە ئىچىدە چىرىكلىككە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، پارتىيە ئىچىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى خىتاينىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان سالىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

شى جىنپىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ: «خىتاي ئىشىكىنى تاقىمايدۇ، بەلكى بارغانسېرى سىرتقا قارىتا ئوچۇق ھالغا كېلىدۇ» دېدى. شى جىنپىڭ بۇ دائىرەدە، «بىر يول، بىر بەلباغ» لايىھەسى بويىچە يەر شارىلىشىش قەدىمىگە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىشنى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يارىتىشتا سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاينىڭ تاشقى سودا دائىرەسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا سۈپەتنى ئاشۇرۇشقا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شى جىنپىڭ 2012-يىلدىن بۇيان نۇرغۇنلىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ ئۆتكەن بەش يىللىق مەزگىلدە ئىقتىساد، ئىسلاھات، دېموكراتىيە ۋە قانۇننىڭ ھەممىدىن ئۈستۈنلۈكى، تۇرمۇش ئۆلچەملىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىش، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خوڭكوڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر، خەلقئارا دىپلوماتىيە قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

19-قۇرۇلتاي 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئاخىرلىشىدۇ. يىغىنغا، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، دۆلەت شىركەتلىرى ۋە پارتىيە ئىچىدىن جەمئىي 2287 ۋەكىل قاتناشماقتا. قۇرۇلتايدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يېڭىلىنىدۇ.

قۇرۇلتاينى يەرلىك ۋە چەت ئەلنىڭ 3 مىڭدىن ئارتۇق مۇخبىرى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر