كەركۈك پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ ئېلىندى

ئىراق ئارمىيەسى كەركۈكنىڭ ھەممىنى يېرىنى تولۇق قايتۇرۇپ ئالدى.

829146
كەركۈك پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى كەركۈكنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ ئالدى.

ئىراق كۈرت (كورد)رايونلۇق ھۆكۈمىتى 25-سېنتەبىردە قانۇنسىز رېفېراندۇم (ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى)ئۆتكۈزگەندىن كېيىنلا كەركۈكنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بەزى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزدى، ئارقىدىنلا ئىراق ئارمىيەسى  كەركۈكنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

كەركۈكتە ئامانلىقنى بەرپا قىلىش قوماندانلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «كەركۈك پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ ئېلىندى، كەركۈكتىكى دىبىس، مۇۇلتەقا ناھىيەلىرى ۋە نېفىت بازىلىرىنىمۇ قايتۇرۇپ ئالدۇق.»

باياناتتا دىيالاغا قاراشلىق خانەكىن، جەلۋەلا بىلەن مۇسۇلدىكى مەھمۇر، باشىقا ۋە مۇسۇل سۇ ئامبىرى، ئۇۋەينات ۋە سىنجار ناھىيەلىرى، رابىيا ۋە مۇسۇل تۈزلەڭلىكىدىكى  بىر قىسىم رايونلارنىڭمۇ قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقى ۋە بۇ رايونلارغا خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #كەركۈك , #ئىراق

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر