شىمالىي كورېيە ھەر قاچان يادرو ئۇرۇشى پارتلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

شىمالىي كورېيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىل ياردەمچىسى كىم ئىن ريوڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ «ئاخىرى ئېنىق بولمىغان» ۋەزىيەتكە يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

829018
شىمالىي كورېيە ھەر قاچان يادرو ئۇرۇشى پارتلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەلىك دىپلومات ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ قورالسىزلىنىش كومىتېتىدا سۆز قىلغاندا، شىمالىي كورېيەنىڭ 1970-يىللاردىن باشلاپ ئامېرىكانىڭ «چېكىدىن ئاشقان ۋە بىۋاستە يادرو تەھدىتى» گە دۇچ كەلگەن بىردىنبىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ شۇڭا، شىمالىي كورېيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش مەقسىتىدە يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «ھەر قاچان بىر يادرو ئۇرۇشى پارتلىشى مۇمكىن» دېدى.

ئۇ ھەر يىلى ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرلىرى ئۈستىدە توختالدى ۋە ھەممىدىن بەك خەتەرلىك بولغاننىڭ «ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان مەخپىي پىلانى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ يىل (2017) شىمالىي كورېيەنىڭ «يادرو دۆلىتىگە ئايلىنىشنى تاماملىغانلىقىنى، ئارىسىدا ئاتوم بومبىسى، ھىدروگېن بومبىسى ۋە قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بار بولغان ھەمدە ھەر خىل يادرو ئېتىش ۋاستىلىرىغا ئىگە تولۇق قوراللانغان يادرو كۈچ ئىكەنلىكى» نى ئېيتتى.

ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېپىنى «قىممەتلىك ئىستراتېگىيەلىك بايلىق» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكانىڭ دۈشمەنلەرچە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ۋە يادرو تەھدىتى لايىقىدا يوقىتىلغىچە يادرو قورالى ۋە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ھەر قانداق شەرت ئاستىدا مۇزاكىرەگە قويمايمىز. ئامېرىكا بىزنىڭ زەربە دائىرەمىزدە. ئەگەر ئامېرىكا بىزنىڭ مۇقەددەس زېمىنمىزنىڭ بىر سانتىمېتىر تۇپرىقىنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنسا، دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جازايىمىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.»

ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالىدىن خالىي دۇنيا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ ب د ت دا 122 دۆلەت تەستىقلىغان «يادرو قورالىنى چەكلەش كېلىشىمى» ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلارنى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بايقۇت قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ: «شىمالىي كورېيە يادرو قوراللىرىنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىلىشىنى ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ يادرودىن خالىي بولۇشىنى قوللايدۇ. بىراق، ئامېرىكانىڭ رەت قىلىشى ۋە شىمالىي كورېيەگە سالغان تەھدىتلىرى سەۋەبىدىن كېلىشىمگە قاتناشمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر