خىتايدا سۇ ئاپىتى يۈز بەردى

خىتاينىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ 5 كىشى قازا قىلدى.

826641
خىتايدا سۇ ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇبېي ئۆلكىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتىدە 5 كىشى ئۆلگەن، 8 مىڭ 500 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 253 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەر زىيانغا ئۇچرىغان، 608 مىليون دوللارلىق ماددىي زىيان كېلىپ چىققان، 26 مىڭ 700 كىشى بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئاپەتتىن كېيىن رايونغا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ۋە سەھىيە خادىملىرى ئەۋەتىلگەن.

ئالدىنقى ئايمۇ شەنشى ئۆلكىسىدە سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 27 مىڭ كىشى بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر