تۈركىيە – ئىران تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ
تۈركىيە بىلەن ئىران تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئاخبارات جەھەتتىن ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ.
825832
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىندىن بۇيان دىپلوماتىيە ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرغان تۈركىيە بىلەن ئىران، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئورتاق كۈرەشكە ئاتلىنىدۇ. تېررورغا قارشى چېگرا بىخەتەرلىكى، ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ماسلىشىش جەھەتلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىلىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا پ ك ك نىڭ ئەمەلىي ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىپ، ئاجىزلىتىلىشى پىلانلانماقتا.