ماداغاسقاردا ۋابا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

ماداغاسقاردا ۋابا يۇقۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 48 گە يەتتى.

825028
ماداغاسقاردا ۋابا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماداغاسقار سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋغۇست ئېيىدا تارقىلىشقا باشلىغان ۋابا بىلەن يۇقۇملانغان 449 كىشىدىن 48 ى قازا قىلغان.

سەھىيە مىنىستىرلىقى 3 – ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋابا بىلەن يۇقۇملانغان 150 كىشىدىن 28 ىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ماداغاسقار پىرېزىدېنتى ھېرى راجائونارىمامپىئانىنا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ۋابا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى، شۇڭا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى بۇ ھەقتىكى يالغان خەۋەرلەرگە ئىشەنمەسلىكنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر