سۈرىيەدە رۇسىيە ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۈرىيەنىڭ لازىقىيە شەھىرىدەSU-24 تىپلىق رۇس ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى.
823874
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ لازىقىيە شەھىرىدە رۇسىيەگە تەۋە ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى.
ئىگىلىنشىچە، ئۇچقۇچىلار ساق قالمىغان.
رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاق دېڭىزغا جايلاشقان لازىقىيەدىكى ھەمېيمىن ھەربىي بازىسىدا SU-24 تىپلىق ھەربىي ئايروپىلاننىڭ قوزغىلىش ئەسناسىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
مىنسىتىرلىق ۋەقەنىڭ تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن ھەربىي بازىدىكى نەرسىلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى.