كېمە قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئاراكانلىقلار سانى 23 كە يەتتى

بىرما ئارمىيەسى ۋە ئاشقۇن بۇددىستلارنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قېچىپ باڭلادىش تەرەپكە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئولتۇرغان كېمىنىڭ غەرق بولۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلەر سانى 23 كە يەتتى.

823895
كېمە قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئاراكانلىقلار سانى 23 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادىش تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچى ئەمەلدارى مۇئىنۇددىن خان بايانات بېرىپ، «يەكشەنبە كېچىسى ناف دەرياسىدا غەرق بولۇپ كەتكەن كېمىدىكى يەنە 11 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپتۇق. ئۆلگەنلەر سانى 23 كە يەتتى» دېگەن.

ساقچىلار، ئىزدېرىكى يوق 14 ئاراكانلىق مۇسۇلماننى ئىزدەش خىزمەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا. باڭلادىشلىق ئەمەلدارلار تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، كېمە قازاسى يۈز بەرگەن جايدىن 10 ى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 12 ئادەمنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ناف دەرياسىنى كېچىپ باڭلادىشقا قاچماقچى بولغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئولتۇرغان كېمىلەرنىڭ ناچار ھاۋا شارائىتى ياكى كېمىلەرگە ھەددىدىن زىيادە ئادەم سېلىش نەتىجىسىدە غەرق بولۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ كۆرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر