تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئۆزئارا ۋىزا بېرىشنى توختاتتى

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى تۈركىيەنىڭ پۈتكۈل دىپلوماتىك ئورۇنلىرىنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

822835
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئۆزئارا ۋىزا بېرىشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «يېقىنقى مەزگىللەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە دىپلوماتىك ئورۇنلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دائىر ۋەدىلىرىگە قايتا قاراپ چىقىشقا مەجبۇرلىدى. مەزكۇر قايتا قاراپ چىقىش مۇساپىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئەلچىخانىمىز ۋە كونسۇلخانىلىرىمىزغا كېلىدىغان زىيارەتچىلەر سانىنى ئەڭ ئازغا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ھازىردىن باشلاپ ئامېرىكىدىكى بارلىق دىپلوماتىك ئورۇنلىرىمىزدا ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىش ئىشلىرى توختىتىپ قويۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تۈركىيە بۇ قارارنى، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ، تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكىنىڭ بارلىق دىپلوماتىك ئورۇنلىرىدىكى كۆچمەن ئەمەسلەرگە ۋىزا بىجىرىپ بېرىشنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن چىقاردى.

بۇ ئۆزگىرىشلەر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان مەتىن توپۇزنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى دېلوسىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە «ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش»، «جاسۇسلۇق» ۋە «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش» دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىدىن كېيىن باش كۆتۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ مەتىن توپۇزنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى توغرىسىدا توختىلىپ، «(مەتىن توپۇز توغرىسىدا) ھۆكۈم چىقىرىدىغان تەرەپ سىياسەتچىلەر، مەن ياكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەس، مۇستەقىل سوتتۇر. ئېغىر ئەيىبلەش ۋە پاكىتلار بار. دىپلوماتىك ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى ئۈچۈن ۋاقىپلاندۇرۇلدۇم.، مەنمۇ ئىستانبۇلدىكى ئەدلىيە ئەمەلدارلىرىدىن سورىدىم. ئېغىر دەلىل – پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈشتى» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر