تۈركىيە: ئىستانبۇل كونسۇلخانىسى خادىمى ئامېرىكىنىڭ رەسمىي خادىمى ئەمەس

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قولغا ئېلىنغان ئىستانبۇل كونسۇلخانىسى خادىمىنىڭ ئامېرىكىنىڭ رەسمىي خادىمى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

821987
تۈركىيە: ئىستانبۇل كونسۇلخانىسى خادىمى ئامېرىكىنىڭ رەسمىي خادىمى ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا گۇماندار ساقچى ئىدارىلىرىنىڭ مۇدىرلىرى ۋە قاچقۇن سابىق تەپتىش زەكەرىييە ئۆز بىلەن ئالاقىسىنىڭ بارلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسى خادىمى م.ت نىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ رەسمىي خادىمى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسىنىڭ م.ت ئىسىملىك پۇقرامىزنىڭ قولغا ئېلىنىشى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. باياناتتا، م.ت نىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىنىڭ يەرلىك خادىمى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ھالبۇكى، 2017 – يىلى 25 – سېنتەبىر كۈنى تېررورىزم بىلەن چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان شەخس نە ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ رەسمىي خادىمى ئەمەس، نە دىپلوماتىك ياكى كونسۇلخانا خادىملىرىغا ئوخشاش قوغدىنىش سالاھىتىگە ئىگە ئەمەس.»

ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسى ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىدىكى بىر يەرلىك خادىمى 4 – ئۆكتەبىر كۈنى تۇتۇلغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلغان، ئۇنىڭ «قانۇنغا ئساسلىنىدىغان بىر سوت مەھكىمىسى» دە سوتلىنىشىنىڭ ئورنىغا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا سوتلىنىشقا ئۇرۇنۇلۇشىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر