ئەنگلىيە بىرما رەھبىرىدىن «ئەركىنلىك مېدالىنى»نى قايتۇرۇپ ئالىدىغان بولدى

ئاڭ سان سۇ چىنىڭ 1964 –  يىلىدىن 1967 – يىللىرىغىچە بولغان ئوكېسفوردتىكى ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىگە ئائىت رەسىم لەۋھەسى ئالدىنقى ھەپتە ئوكىسفوردىكى ئېسىلغان جايىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

821033
ئەنگلىيە بىرما رەھبىرىدىن «ئەركىنلىك مېدالىنى»نى قايتۇرۇپ ئالىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئوكسفورد شەھەرلىك ھۆكۈمىتى كېڭىشى بىرما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شۇنداقلا دۆلەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى ئاڭ سان سۇ چىگە بېرىلگەن «ئوكېسفورد ئەركىنلىك مېدالىنى»نى قايتۇرۇپ ئالىدىغان بولدى.

شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭىشىدىكى يىغىندا ئاڭ سان سۇ چىگە 1997 – يىلى بېرىلگەن مېدالنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆتكۈزگەن ئىنسانىيەتكە زىت جىنايەتلەرگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغىلى سەۋەبىدىن قايتۇرۇپ ئېلىش كېرەكلىكى ھەممىنىڭ تەڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن قارار قىلىندى.

بۇ قارار تەۋسىيە خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، 27 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2 - كېڭەشتە رەسمىيلىشىشى ۋە ئەركىنلىك مېدالىنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭىشى ئالدىنقى ئاي ئاڭ سان سۇ چىگە ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا، ئەركىنلىك مېدالىنىڭ ئۇنىڭغا بىرمادىكى دېموكراتىك كۈرەشلىرى ۋە ئوكېسفورد شەھىرى بىلەن بولغان خۇسۇسىي باغلىنىشلىقى يۈزىسىدىن بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

ئەركىنلىك مېدالى ئوكسفورد سەھەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن شەھەرگە ھەسسە قوشقان ياكى ھەربىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىلىم – پەن ۋە سەنئەت ساھالىرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن كىشىلەرگە بېرىلىدۇ.

بىرما رەھبىرى ئاڭ سان سۇ چى 1997 – يىلى بۇ مېدالغا لايىق كۆرۈلگەن ۋە 2012 – يىلى تەقدىم قىلىنغان ئىدى.

ئاڭ سان سۇ چىنىڭ 1964 –  يىلىدىن 1967 – يىللىرىغىچە بولغان ئوكېسفوردتىكى ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىگە ئائىت رەسىم لەۋھەسىمۇ ئالدىنقى ھەپتە ئوكىسفوردىكى ئېسىلغان جايىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر