رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىك ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى تېررورچىلارنى بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقان بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

820730
رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىك ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ، سۈرىيەنىڭ ئامېرىكا كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايلاردىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا <ھۆكۈمەت قىسىملىرىغا تەۋە جايلارغا ئائىت ئۇچۇر> لارنى ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەمىنلىگەن بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى.

تېررورچىلارنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ مەخپىي ئورۇنلىرىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ جايلارنى ئاسانلا بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن باياناتچى كوناشېنكوۋ، «تېررورچىلار بۇ ئۇچۇرلارنى پەقەت ھاۋا بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرى ئارقىلىقلا ئالالايدۇ. بۇ ئۇچۇرلار بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسىتىدە ئۇلارغا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن يەتكۈزۈلدى» دېدى.

ئۇ، رايوندىكى ھۇجۇملارنىڭ پەردە ئارقىسىدا پەقەت بىرلا باغلىنىش بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ھۇجۇملارنىڭ ھەممىسى سۈرىيە – ئىيوردانىيە چېگراسىدىكى ئامېرىكا قىسىملىرى ئورۇنلاشقان ئەتتەنىفتىن قىلىنماقتا» دېدى.

كوناشېنكوۋ، سۈرىيەدە دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ چوڭ توسۇقىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلارغا قىلغان ياردىمى، دۆلەت تەۋەلىكىدىكى تېررورچىلارنىڭ يوقىتىلىشىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر