ئىراق ھاۋىجە ناھىيە مەركىزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى، كەركۈككە قاراشلىق ھاۋىجە ناھىيە مەركىزىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇش ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

820157
ئىراق ھاۋىجە ناھىيە مەركىزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاۋىجە ھەربىي ھەرىكىتى قوماندانى لېيتىنانت گېنېرال ئابدۇلئەمىر يارۇللاھ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئارمىيە، فېدېراتسىيە ساقچى خادىملىرى، ئالاھىدە ھەرىكەت خادىملىرى ۋە ھەشدۇششەئبى (خەلق كۈچلىرى) كۈچلىرى بىرلىكتە ھاۋىجە مەركىزى بىلەن رىياد ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى 29 – سېنتەبىردە بايانات بېرىپ، «ھاۋىجەنى قۇتۇلدۇرۇش ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ باشلىغانلىقى» نى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر