شىمالىي كورېيە ياپونىيەگە تەھدىت سالدى

شىمالىي كورېيە، ياپونىيەگە پىيوڭياڭغا بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە «يادرو بۇلۇتى» يوللايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

819979
شىمالىي كورېيە ياپونىيەگە تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – KCNA، «ياپونىيەنىڭ شىمالىي كورېيەگە بېسىم ئىشلىتىشى، كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىشى ياپونىيە ئاراللىرىغا يادرو بۇلۇتلىرىنى ئېلىپ كېلىدىغان بىر خىل ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتۇر. ھېچكىم ۋەزىيەتنىڭ قاچان بىر يادرو ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بىراق، يادرو ئۇرۇشىنىڭ پىلتىسىگە ئوت تۇتىشىدىغان بولسا، بۇ بىردىنلا ياپونىيە ئاراللىرىدا پارتلايدۇ» دەپ يازدى.

ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ئۆتكەن ئاي ب د ت  يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، پىيوڭياڭغا بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىپ، «شىمالىي كورېيەنى پۈتكۈل يادرو ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانلىرىدىن تەلتۆكۈس شۇنداقلا قايتىلانمايدىغان شەكىلدە بىكار قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز لازىم. كېرەك بولۇۋاتقىنى دىيالوگ ئەمەس، بېسىم» دېگەنىدى.

كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ۋەزىيەت، شىمالىي كورېيەنىڭ بىر قاتار يادرو ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىدىن كېيىن جىددىيلىشىپ كەتكەنىدى.

شىمالىي كورېيە ئاخىرقى قېتىم 15 – سېنتەبىردە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان، بومبا دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ياپونىيە تەۋەلىكىنى بېسىپ ئۆتكەنىدى.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى، 11 – سېنتەبىردە شىمالىي كورېيەگە ھازىرغىچە بولغان ئەڭ ئېغىر ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنى ئېلان قىلغانىدى؛ 2375 – نومۇرلۇق مەزكۇر قارارنامىدە پىيوڭياڭغا نېفىت ئېكسپورت قىلىش ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ توقۇمۇچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر