نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن ئالىملارنىڭ ئىسىملىرى ئېلان قىلىندى
جاكس دۇبوچېت، جۇاچىم فىرانك ۋە رىچارد ھېندېرسون 2017– يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.
820187
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئۈچ كىشىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان تەتقىقات، ھۇجەيرىلەرنى توڭلىتىپ قۇرۇلمىلىرىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق تەكشۈرۈشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىكەن.
2015 – يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى تۈرك ئالىم ئازىز سانجارغا بېرىلگەنىدى.
نوبېل مۇكاپاتلىرى شىۋېتسىيەلىك پەن – تەتقىقاتچى ۋە سانائەتچى ئالفرېد نوبېلنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن 1901 – يىلىدىن بۇيان تارقىتىلىپ كەلمەكتە.