مېكسىكادىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 366 كىشىگە يەتتى

پايتەخت مېكسىكودا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن 38 بىنانىڭ خارابىلىقلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى تازىلىنىپ بولدى.

819936
مېكسىكادىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 366 كىشىگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكادا 19 – سېنتەبىردە يۈز بەرگەن 7.1 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 366 كىشىگە يەتتى.

دۆلەتلىك پۇقرالارنى مۇداپىئە قىلىش ئىدارىسى باشلىقى لۇئىس فېلىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەر تەۋرەش جەريانىدا ئۆلگەن 225 كىشىگە پايتەخت مېكسىكودىكى قۇربانلارنىمۇ قوشقاندا جەمئىي 366 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەر تەۋرەش جەريانىدا پايتەختتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن 38 بىنانىڭ خارابىلىقلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى تازىلانغان ئىدى.

مېكسىكادا 8 سېنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن 8.1 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە بولسا 96 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر