شېۋېتسىيەدە مۇسۇلمانلارغا تەۋە بىر يەسلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

يەلسىنىڭ مەسئۇلى ئەسمان ئادەم: «بىزنىڭ بۇ يەردە يىخەتەر ھالدا دەرسلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرالىشىمىز ئۈچۈن ساقچىلار ئامانلىقنى قوغدىشى لازىم. بىراق 2 يىلدىن بۇيان ساقچىلار بۇنداق قىلغىنى يوق» دېدى.

819094
شېۋېتسىيەدە مۇسۇلمانلارغا تەۋە بىر يەسلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شېۋېتسىيەنىڭ سۆدېرتالژە شەھىرىدە مۇسۇلمانلارغا ئائىت يەسلىگە تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

«سىنباد» ناملىق يەلسىنىڭ مەسئۇلى ئوسمان ئادەم تۈنۈگۈن ئەتىگەندە خادىملار مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچماقچى بولغاندا ھۇجۇمنى بايقىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئوسمان ئادەم ئۆسمەرلەرنىڭ مائارىپ يۇرتىغا قىلىنغان بۇ ھۇجۇمدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «2 يىلدىن بۇيان مەكتىپىمىزنىڭ دەرىزىلىرى تاش ئېتىپ سۇندۇرۇلماقتا. بەزىدە ئۆسمەرلەر دەرىزىلىرى چىقىلغان سىنىپلاردا دەرس ئوقۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىراق تۈنجى قېتىم مەكتەپ تېمىغا <بۇ يەردىن يۇقۇلۇڭلار!>  دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەمدە مۇسۇلمانلار بىلەن ئىسلامغا ھاقارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەپرەت سۆزلىرىنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆردۈق» دېدى.

ئوسمان ئادەم بۇ ھۇجۇم سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانىلىرى ۋە مەكتەپ خادىملىرىنىڭ قورقۇنچ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدىن كېيىن يىغىن ئاچتۇق. مەكتەپنى تاقاش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتىمىز. بىزنىڭ بۇ يەردە يىخەتەر ھالدا دەرسلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرالىشىمىز ئۈچۈن ساقچىلار ئامانلىقنى قوغدىشى لازىم. بىراق 2 يىلدىن بۇيان ساقچىلار بۇنداق قىلغىنى يوق» دېدى.

ساقچىلار تەكشۈرۈشنى باشلىغان پەيتتە بىر سىنىپنىڭ دەرىزىلىرى چىقىلىپ، تاملىرىغا مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلامغا ھاقارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەزىل شوئارلارنىڭ يېزىلغانلىقى بايقالدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر