Moody's بىلەن Fitch تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى يۈكسەلدۈردى
خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگانلىرىدىن Moody's بىلەن Fitch تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى يۈكسەلدۈردى.
819524
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگانلىرى Moody's تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك پىروگراممىسىدىكى % 5.5 لىك تەرەققىي قىلىش نىشانىنى ئىجابىي قىلىپ بېكىتتى.
يەنە بىر كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Fitch بولسا، تۈركىيەنىڭ بۇ يىلنىڭ 3 – چارىكىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى يۈكسەلدۈرۈپ، 3 – چارەكتە تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ % 7 تىن ئاشىدىغانلىقىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.