ئامېرىكىنىڭ لاس ۋېگاس شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم

ئامېرىكىنىڭ لاس ۋېگاس شەھىرىدىكى بىر مۇزىكا فېستىۋالى جەريانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 50 كە يەتتى، 200 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

818188
ئامېرىكىنىڭ لاس ۋېگاس شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دوختۇرخانا مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاس ۋېگاس شەھىرىگە جايلاشقان ماندالاي باي مېھمانخانىسى ئەتراپىدىكى كونسېرت زالىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا يارىلانغانلاردىن 12 سىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

لاس ۋېگاس ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن 1 زوراۋان بىر تەرەپ قىلىنغان.

ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىلەردە ھەربەھىرلىشىلگەن ۋىدېئولاردا، ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ ۋە كۆپ ساندا كىشىنىڭ ساھەدىن قېچىۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق كۈچەيتىلگەن شەھەردە ئايرودۇرۇم تاقالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر