ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ خاتا ھەرىكىتىدە نۇرغۇن بىخەتەرلىك خادىمى ئۆلدى

ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ خاتا ھەربىي ھەرىكىتىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىدىن 10 خادىم قازا قىلدى.

818474
ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ خاتا ھەرىكىتىدە نۇرغۇن بىخەتەرلىك خادىمى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرى ئافغانىستاننىڭ ھېلماند ۋىلايىتىدە تالىبانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا خاتا ھالدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى نۇقتىلارغا ھۇجۇم قىلغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىدىن 10 خادىم قازا قىلغان، 5 ىادىم يارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان. ۋەقەدە 9 تالىبان ئەزاسىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر