سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاياللار ئۈچۈن شوپۇرلۇق كۇرسى ئېچىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى، بۇ جەھەتتە ئىلگىرىلەپ قەدەم تاشلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

818356
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاياللار ئۈچۈن شوپۇرلۇق كۇرسى ئېچىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت رىيادتىكى مەلىكە نۇرە بىن ئابدۇرراھمان ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىگە ئالاقىدار چەكلىمىنىڭ بىكار قىلىنىشىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاياللارغا شوپۇرلۇق كۇرسى ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان مىقياسىدا 60 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار بولغان مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ باياناتىدا، بۇنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بۇ جەرياندا، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر ئەرنىڭ «Hummer» ماركىلىق ئاپتوموبىلىنى ئايالىغا بەرگەنلىكىگە دائىر كۆرۈنۈشلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئابونتىلىرىنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر