كاتالونيا خەلقىنىڭ %90ى مۇستەقىللىقنى قوللاپ ئاۋاز بەردى

ئىسپانىيەنىڭ شەرقىدىكى كاتالونيا ئاپتونوم ھۆكۈمىتى كاتالونيا خەلقىنىڭ %90ى مۇستەقىللىقنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

817939
كاتالونيا خەلقىنىڭ %90ى مۇستەقىللىقنى قوللاپ ئاۋاز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ شەرقىدىكى كاتالونيا ئاپتونوم ھۆكۈمىتى  ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز ئېلان قىلىنغان مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىدا (ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى) كاتالونيا خەلقىنىڭ %90نىڭ مۇستەقىللىقنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ھۆكۈمەت باياناتچىسى جورجى تۇرۇل، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئورىيول جۇنكۇراس ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رائۇل رومېۋا بارسېلونادا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز ئېلان قىلىنىشىغا قارىماي ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.

تۇرۇل مۇنداق دېدى: «مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈلدى، خەلق بېلەت تاشلىدى ۋە بېلەتلەرنىڭ ھەممىسى سانىلىپ بولدى.»

سايلىغۇچىلارنىڭ %90.9نىڭ (2 مىليون 20114) قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكىنى، %7.8نىڭ (176مىڭ 565مىڭ) رەت ئاۋازى بەرگەنلىكىنى ئېيتقان تۇرۇل، بېلەتلەرنىڭ %2.03نىڭ (45586)بوش، %0.89نىڭ (20129) ئىناۋەتسىز چىققانلىقىنى ئېيتتى.

2315 بېلەت تاشلاش ئورنىدىن 400دەك ئورۇننىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان تۇرۇل سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ماددىي زىيانلارنى ئېنىقلاپ چىقىشىمىز كېرەك، ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان 844 كىشىگە ياردەم قىلىمىز، بۇ كىشىلەردىن 73ى ژاندارما ۋە ساقچىلار ئۈستىدىن ئەرز قىلدى.»

تۇرۇل ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىنى تەنقىد قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «بۇ ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارلىرى مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن ئىپسانىيە ساقچىلىرىدۇر.»

كاتالونيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئورىيول جۇنكۇراسمۇ مۇنداق دېدى: «كاتالونيا دېموكراتىيە بىلەن سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا بولغان سادىقىتىنى ئىپادىلىدى، بۇنى ناھايىتى قىيىن شارائىتتا ئىشقا ئاشۇردى، دۇنيا تاراتقۇلىرى ئىسپانىيە ساقچىلىرىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن پايدىلانماقچى بولغان پۇقرالارغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن قانداق كۈچ ئىشلەتكەنلىكىنى جاھانغا خەۋەر قىلدى. كاتالونيا يېڭى جۇمھۇرىيەت بولۇش ھوقۇقىغا رەسمىي ئېرىشتى، ئەلۋەتتە كاتالونيا پارلامېنتىمۇ مۇشۇنداق قارارنى چىقىرىشى كېرەك.»

كاتالونيا پارلامېنتىدا ماقۇللىنىپ خۇددىي مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈشكە قارار قىلىنغىنىغا ئوخشاش ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى تەرىپىدىن بېكار قىلىنغان قانۇنلارنىڭ روھى بويىچە، كاتالان پارلامېنتى مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىدىن چىققان نەتىجىلەرگە ئاساسەن 48 سائەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىسا ۋە ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ چىقىش ئۈچۈن مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى رەسمىي ئېلان قىلسا بولىدىكەن.

ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ جەھەتتە قەدەم تاشلىمايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر