ئىسپانىيە ساقچىلىرى كاتالونلۇقلارنىڭ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى

ئىسپانىيە ساقچىلىرى كاتالونيا ئاپتونوم رايونىدا مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۈچۈن تەييارلانغان بېلەت تاشلاش ئورۇنلىرىغا بېسىپ كىردى.

817639
ئىسپانىيە ساقچىلىرى كاتالونلۇقلارنىڭ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە ساقچىلىرى كاتالونيادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى (ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى)غا رۇخسەت قىلماسلىق ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت ئېلىپ باردى.  

كاتالونيا ئاپتونوم ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۈچۈن تەييارلانغان بېلەت تاشلاش ئورۇنلىرىغا ئىسپانىيە ساقچىلىرى بىلەن ژاندارما قىسىملىرى بېسىپ كىرىپ، ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە قارىماي بېلەت ساندۇقلىرىنى مۇسادىرە قىلدى.

ئىسپانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قانۇنسىز ئېلان قىلىنغان مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقلىرىنى ۋە بېلەت تاشلاش ئورۇنلىرىدىكى بېلەت ساندۇقلارنى يىغىشقا باشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

كاتالونيا ئاپتونوم ھۆكۈمىتى رەئىسى چارلېس پۇيگدېمونت گىرونا شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە تەۋە تەنتەربىيە زالىدىكى بېلەت تاشلاش ئورنىدا بېلەت تاشلايدىغان بولۇپ، بۇ جايغىمۇ ئىسپانىيە ساقچىلىرى بېسىپ كىردى.

بۇ جايغا كەلگەن 80 دەك ساقچى ئىشىك ئالدىدا توساقلار قۇرۇپ چىققان مۇستەقىللىقنى ياقلىغۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ تەنتەربىيە زالىنى ئېلىۋالدى، نەتىجىدە مۇستەقىللىقنى ياقلىغۇچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر