ئەنگلىيە بارزانىدىن باغداد بىلەن كۈچلۈك دىيالوگ ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى

ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى مايكېل فەلون ئىراق كۈرت (كورد)رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى مەسئۇت بارزانىدىن باغداد بىلەن كۈچلۈك دىيالوگ ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى.

817636
ئەنگلىيە بارزانىدىن باغداد بىلەن كۈچلۈك دىيالوگ ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى مايكېل فەلون ئىراق كۈرت (كورد)رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى مەسئۇت بارزانىغا خەت ئەۋەتىپ باغداد ھۆكۈمىتى بىلەن كۈچلۈك دىيالوگ ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى.

بارزانىنىڭ باياناتچىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، فەللون تۆت كۈن ئىلگىرى بارزانىغا رېفېراندۇم (ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى)دىن كېيىنكى مۇساپە توغرۇلۇق خەت ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەتتە فەللون بارزانىغا: «مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزدىڭىز، شۇڭا نۆۋەتتىكى مۈشكۈل ۋەزىيەتكە مۇۋاپىق چارە تېپىش ئۈچۈن مەركىزى ھۆكۈمەت باغداد ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن كۈچلۈك دىيالوگ ئورنىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز»دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

فەللوننىڭ يەنە خەتتە تېررورىزىمغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بوشاپ قالماسلىقىنى، ئىككى ئالدىنقى سەپ شەكىللىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىراق ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى، شۇنداقلا ئازاد قىلىنغان رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەپ قوغداش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر