ئاراكان مۇسۇلمانلىرى بۇ قېتىم سىرىلانكىلىق بۇددىستلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىدى

سىرىلانكىدا ئاشقۇن بۇددىست راھىبلار باشلامچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشى، پايتەخت كولومبودىكى ئاراكانلىق مۇسۇلمان مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان ب د ت  باشقۇرۇشىدىكى بىر بىناغا ھۇجۇم قىلدى.

816167
ئاراكان مۇسۇلمانلىرى بۇ قېتىم سىرىلانكىلىق بۇددىستلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىرىلانكىدا ئاشقۇن بۇددىست راھىبلار باشلامچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشى، پايتەخت كولومبودىكى ئاراكانلىق مۇسۇلمان مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان ب د ت  باشقۇرۇشىدىكى بىر بىناغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى ساقچىنى يارىلاندۇردى، ئۆيدىكى 30 دىن ئارتۇق مۇساپىر باشقا بىخەتەر جايغا يۆتكىۋېتىلدى.

بىر ساقچى ئەمەلدارى بايانات بېرىپ، ھۇجۇمچىلارنىڭ موۋنت لاۋىنىيا مەھەللىسىدىكى ئاراكانلىق مۇسۇلمان مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان بىنانىڭ سىرتقى تېمىنى ئۆرۈپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمچىلار دەسلەپتە بىناغا چالما - كېسەك ئاتتى، ئارقىدىن بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى نەرسە – كېرەكلەرگە زىيان يەتكۈزدى؛ ۋەقەدە ئىككى ساقچى يارىلاندى، 16 سى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 30 دىن ئارتۇق ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

ساقچى ئەمەلدارى، «ھۇجۇمچىلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى، مۇساپىرلارنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر بىر يەرگە يۆتكىۋېتىلگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

بىنادىكى ئاراكانلىق مەزكۇر مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن 5 ئاي ئىلگىرى ئوچۇق دېڭىزدا سىرىلانكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان، ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يولغا سېلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ماتېرىياللىرى تولۇقلىنىپ بولغۇچە سىرىلانكىدا تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر