سەئۇدى ئەرەبىستاندا بۇنىڭدىن كېيىن ئاياللارمۇ ئاپتوموبىل ھەيدىيەلەيدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەل سۇئۇد ئاياللارنىڭمۇ ئاپتوموبىل ھەيدىشىنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىنى ئىمزالىدى.

814841
سەئۇدى ئەرەبىستاندا بۇنىڭدىن كېيىن ئاياللارمۇ ئاپتوموبىل ھەيدىيەلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەل سۇئۇد سەئۇدى ئاياللىرىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىنى ئىمزالىدى.

پادىشاھ سەلمان ئاياللارغا شوپۇرلۇق كېنىشىكىسى بېرىلىشىنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىنى ئىمزالاپ، مەزكۇر قارارنامىنىڭ 2018-يىلى ئىيۇنغىچە تولۇق ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن يوليۇرۇق بەردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاياللار ئائىلە ئەزالىرىدىن بىر ئەر قېشىدا بولماي تۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدىيەلمەيتتى ۋە ئاپتوموبىل ھەيدەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ئاياللار بولسا تۇرمىغا سولىناتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «پادىشاھلىقنىڭ پەرمانى بىلەن ئەر-ئايال باراۋەرلىكى ئاساسىدا شوپۇرلۇق كېنىشكىسى بېرىش بولۇپ نۇرغۇن قاتناش قائىدىلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.»

پادىشاھنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن مەخسۇس كومىتېت قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ئىچكى ئىشلار، مالىيە، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي سوغۇرتا مىنىستىرلىقلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ، كومىتېت مەزكۇر قارارنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ.

مەزكۇر قارارنامىگە تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا ئىنكاس قايتۇردى. ئامېرىكا دائىرىلىرى مەزكۇر قارارنامىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنى «توغرا يۆنلىنىشكە ئېلىپ بارىدىغان يولدا تاشلانغان چوڭ قەدەم»دەپ تەرىپلىدى.

ئاقساراي بۇ توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللارغا ئاپتوموبىل ھەيدەش ھوقۇقى بەرگەن قارارنامىسىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدى. بۇ ئەھۋال سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇق ۋە پۇرسەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە  تاشلانغان ئىجابىي قەدەمدۇر. بۇ ۋە 2030 نىشانىغا ئوخشاش ئىسلاھاتلار يولى ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستان جەمئىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر