رۇسىيە شىمالىي ئىراقتىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

رۇسىيە، 25 – سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەۋەلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن قانۇنسىز ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

815211
رۇسىيە شىمالىي ئىراقتىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە، 25 – سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەۋەلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن قانۇنسىز ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىن رايوندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغان ھالدا، ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تولۇق قوللايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراق دۆلىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، ھەممە ئورتاق قوبۇل قىلىدىغان بىر چارىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

«رۇسىيە ئىراقنىڭ بىرلىك ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە ۋە سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشتىن يىراق تۇرۇش كېرەك، دەپ قارىماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، رۇسىيەنىڭ پۈتكۈل تەرەپلەرنى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىنچ ۋە ئىجابىي ئۇسۇلدا دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

ئىراق ھۆكۈمىتى، 2005 – يىلى تۈزۈلگەن ئىراق ئاساسىي قانۇنىغا زىت بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈنۈگۈن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر