ھابۇردا ئورتاق ھەربىي مانېۋىر داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن شىرناقنىڭ سىلوپى ناھىيەسى چېگراسىدىكى ھابۇر چېگرا ئېغىزى ئەتراپىدا 18 – سېنتەبىر كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن مانېۋىر ئىراق قىسىملىرىنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن ئىزچىل داۋاملاشماقتا.

815377
ھابۇردا ئورتاق ھەربىي مانېۋىر داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق چېگراسىدىكى ھابۇر چېگرا ئېغىزىدىن تەخمىنەن 3 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان يۈك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ ئۇدۇلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مانېۋىر ئونىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.

ئىراق قىسىملىرىنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن تۈنۈگۈن ئۈچىنچى باسقۇچقا قەدەم قويغان مانېۋىردا، تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن ئىراق قىسىملىرى ماھارەت كۆرسەتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر