شىۋېتسىيەنڭ ئۆرېبرو شەھىرىدىكى بىر جامەگە ئوت قويۇۋېتىلدى

ئۆرېبرو شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى باشلىقى ئۇلف جاكوبسېن، پاكىتلار قەستەن ئوت قويۇپ بېرىش ۋەقەسىگە ئىشارەت قىلماقتا، دېدى

814319
شىۋېتسىيەنڭ ئۆرېبرو شەھىرىدىكى بىر جامەگە ئوت قويۇۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆرېبرو شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى باشلىقى ئۇلف جاكوبسېن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى سائەت 02:00 ئوت ئۆچۈرۈشكە تۇتۇشقان بولۇشىغا قارىماي، جامەنىڭ پۈتۈنلەي پايدىلانغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى، نەق مەيداندىن توپلانغان پاكىتلارنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ قەستەن چىقىرىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ۋىۋاللا مەھەللىسىدىكى 2007 – يىلى سېلىنغان مەزكۇر جامەدە بىرلا ۋاقىتتا 250 ئادەم ئىبادەت قىلالايتتى. شەھەردىكى 25 پەرقلىق دۆلەتتىن كەلگەن مۇسۇلمانلار، ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بۇ جامەگە كېلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر