شىمالىي ئىراقتا رېفېراندۇم باشلاندى

شىمالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت (كورد) ھۆكۈمىتى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، مۇستەقىللىق رېفراندۇمىنى ئۆتكۈزدى.

813291
شىمالىي ئىراقتا رېفېراندۇم باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئىراقتا بېلەت تاشلاش باشلاندى. شىالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا قارار قىلىپ ئۆتكۈزگەن ۋە تۈركمەنلەر بىلەن ئەرەبلەر بايقۇت قىلغان رېفېراندۇمدا، ئەربىل، سۇلايمانىيە، دۇھوك ۋىلايەتلىرى، سالاھىيىتى تالاش-تارتىش ئاستىدا تۇرۇۋاتقان كەركۈك ۋىلايىتى، سالاھاددىن ۋىلايىتىنىڭ تۇزھۇرماتۇ ناھىيەسى، دىيالا ۋىلايىتىنىڭ ھانەكىن ناھىيەسى بىلەن جەلاۋلا ۋە كاراتەپە بازارلىرىدا سايلام ساندۇقى تەسىس قىلىندى. تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىنغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان مۇسۇل ۋىلايىتىنىڭ سىنجار، ماھمۇر، تەلكەيف، ھامدانىيە، شەيھان ناھىيەلىرى بىلەن رابىيا، نەمرۇد ۋە بارتىللا بازارلىرىدىمۇ رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلىدۇ.

7 مىڭى شىمالىي ئىراقتا، 5 مىڭى تالاش-تارتىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان رايوندا بولۇپ، جەمئىي 12 مىڭ نۇقتىدا تەسىس قىلىنغان سايلام ساندۇقىغا، تەخمىنەن 5 مىليون 200 مىڭ كىشىنىڭ بېلەت تاشلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر