خەۋپسىزلىك كېڭىشى: مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

811881
خەۋپسىزلىك كېڭىشى: مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بارلىق ئەزالارنىڭ بىردەك ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن قارارنامىدە، شىمالىي ئىراقتا 25 – سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان رېفېراندۇمنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننى مۇقىمسىزلىق گىردابىغا ئىتتىرىش خەۋپى بار بولغان رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈش پىلانىدىن ئەندىشە قىلماقتا. دائېشقا قارشى كۈرەش داۋاملىشىۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتە چىقىرىلغان رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈش قارارى 3 مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىر ۋە ئۆي – ماكانسىز قالغان كىشىلەرنىڭ بىخەتەر ۋە ئۆز ئارزۇسى بىلەن يۇرتىغا قايتىشىغا كۆلەڭگە چۈشۈرىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرى ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىرلىكىگە داۋاملىق ھۆرمەت قىلىدۇ، مەركىزىىي ھۆكۈمەت بىلەن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى بارلىق مەسىلىلەرنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر