ئىراق مەھكىمىسى مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنىڭ ئۆتكۈزۈلمەسلىكىگە قارار بەردى

ئىراق فېدراتىپ مەھكىمىسى 25-سىنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنى توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلدى.

809180
ئىراق مەھكىمىسى مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنىڭ ئۆتكۈزۈلمەسلىكىگە قارار بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق فېدراتىپ مەھكىمىسى ئىراق كۈرت (كورد)رايونلۇق ھاكىمىيتىدە  25-سىنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنى توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلدى.

مەھكىمەنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارنامىسىدە مۇنداق دېيىلدى: «فېدراتىپ مەھكىمىسى 25-سىنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنىڭ ئۆتكۈزۈلمەسلىكىگە قارار بەردى، چۈنكى بۇ رېفېراندۇم ئاساسىي قانۇنىمىزغا خىلاپتۇر.»

مەھكىمە قارارىنى بەرگەندىن كېيىن ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل-ئىبادىمۇ بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىنى ئەربىلگە يەتكۈزدى.

ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى مايكېل فاللون بارازىنى رېفېراندۇمدىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلىش ئۈچۈن ئەربىلگە بارىدۇ.

ئىراق كۈرت  (كورد)رايونلۇق ھاكىمىيىتى رەھبىرى مەسۇد بارازنى جۈمە كۈنى خەلقئارانىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنى بىكار قىلىش بەدىلىگە كۆڭۈلدىكىدەك ۋەدە بېرىلمىگەنلىكىنى سەۋەب قىلپ كۆرسىتىپ، مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر