تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى خىتايدا

تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش خىتايدا زىيارەتتە بولماقتا.

807658
تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى خىتايدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيەنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارماقتا.

مىنىستىر قۇرتۇلمۇش خىتاينىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان ب د ت خەلقئارا ساياھەت  تەشكىلاتىنىڭ 22 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان چىڭدۇ شەھىرىدە ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

قۇرتۇلمۇشنىڭ خەلقئارا ساياھەت  تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تالىب رىفائىي بىلەن  ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، خەلقئارا ساياھەت  تەشكىلاتى قارمىقىدا تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كومىتېتى قۇرۇلۇشى قارار قىلىندى.

ئۇچرىشىشتا يەنە، تۈركىيە ئىشقا كىرىشتۈرىدىغان ماركىلشىىش ۋە تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇش مەسىلىسىدە خەلقئارا ساياھەت  تەشكىلاتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشى، شەرقىي ئاقدېڭىز بىلەن تۈركىيەدىكى دېڭىز سەپەرلىرى خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن كېلەر يىلى ئاپرېلدا خەلقئارالىق پائالىيەتلەرنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

مىنىستىر قۇرتۇلمۇشنىڭ خىتاي ساياھەت ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ باشلىقى لى جىنزاۋ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىشىدا بولسا، خىتايدا «2018 – يىلللىق تۈركىيە ساياھەت يىلى» دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ خىتاي ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سەپەرلىرىنىڭ كۆپەيتىلىشى، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشى ۋە ۋىزا  ئېلىش ئىشلىرىدا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر