ھىندىستاندا ئېغىر كېمە قازاسى يۈز بەردى

ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىدىكى يامۇنا دەرياسىدا كېمە قازاسى يۈز بەردى.

806872
ھىندىستاندا ئېغىر كېمە قازاسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىدىكى يامۇنا دەرياسىدا بىر كېمە غەرق بولۇپ كېتىپ، 19 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 31 يولۇچى يوقاپ كەتتى.

يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى رام كۇمار ۋەقە توغرىسىدا بايانات بېرىپ، مەزكۇر كېمىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندە باغپات بازىرىغا يېقىن جايدا دۈمكۆمتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى، كېمىدىكى 10 ئادەمنىڭ سۇ ئۈزۈپ قىرغاققا چىقىۋالغانلىقىنى، دەريادىن 19 ئادەمنىڭ جەسىتىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى، قالغان 31 يولۇچىنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رايوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھاكىم باۋانىمۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، 35 كىشىلىك مەزكۇر كېمىنى ئۆلچەمدىكىدىن خېلىلا كۆپ يولۇچى ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن دۈمكۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ھىندىستاندا نورمالدىكىدىن كۆپ يولۇچى سېلىنغان كېمىلەرنىڭ سۇغا غەرق بولۇپ كېتىش ھادىسىلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

يانۋار ئېيىدا ھىندىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بىھار ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى پاتناغا يېقىن جايدا مەيدانغا كەلگەن كېمە قازاسىدا 21 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر