فىرانسىيە: س-400 سېتىۋېلىش تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل تاللىشى، ئۇ ناتو ئارىلىشىدىغان ئىش ئەمەس

فىرانسىيە، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن س-400 ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تاللىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

806717
فىرانسىيە: س-400 سېتىۋېلىش تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل تاللىشى، ئۇ ناتو ئارىلىشىدىغان ئىش ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئاگنېس روماتېت-ئېسپاگنې مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى جەريانىدىكى «تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن س-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشى» غا دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «تۈركىيەنىڭ بۇ خىل ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئېلىشى مۇستەقىل بىر تاللاشتۇر ۋە بۇ ناتو دۆلەتلىرى پىكىر بايان قىلىدىغان بىر ئەھۋال ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رايونىدىكى بىخەتەرلىك ساقلاش كۈرىشىدە تۈركىيەنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن باياناتچى، ناتونىڭ 2013 – يىلىدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر