«ئامېرىكىنى ئەڭ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار قىلىمىز»

شىمالىي كورېيە ئامېرىكىغا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتكە مۇپتىلا قىلىش بىلەن تەھدىت سالدى.

804778
«ئامېرىكىنى ئەڭ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار قىلىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ ئېغىز ئازاب-ئوقۇبەتكە مۇپتىلا قىلىش بىلەن تەھدىت سالدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدا شىمالىي كورېيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى قويۇش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى پىيوڭياڭ ھاكىمىيىتى ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل دۇنيا شىمالىي كورېيەنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلىپ ئامېرىكىلىق قاراقچىلارنى ئادەم قىلىدىغانلىقىغا شاھىت بولىدۇ.»

باياناتچى 3-سىنتەبىردە شىمالىي كورېيەنىڭ ھىدروگېن بومبىسى سىناق قىلىشىنىڭ »يوللۇق قوغدىنىش ھەرىكىتى»ئىكەنلىكىنى ياقلاپ، ئامېرىكىنى پىيوڭياڭغا قارشى يېڭى ئېمبارگولارنى قويۇش ئارقىلىق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى مونوپۇل قىلىۋېلىش ئۈچۈن تەلۋىلەرچە ھەرىكەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان باياناتچى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئاخىرى قانۇنسىز ۋە ئادىل بولمىغان ئېغىر ئېمبارگولار پىلانىنى توقۇپ چىقتى. شىمالىي كورېيە ئامېرىكىنى چوقۇم بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ.»

ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو قويۇشنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن شىمالىي كورېيەگە نېفىت ئېمبارگوسى قويۇش، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش ۋە شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭ ئۇنغا مالىيە جەھەتتىن ئېمبارگو ۋە ساياھەت چەكلىمىسى قويۇش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىدۇ.

رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى دىپلوماتىك مەنبەلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ۋېتو ھوقۇقى بولغان خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى نەتىجىسىدە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر قارار لايىھەسىنى نىسبەتەن يۇمشاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭغا ئاساسەن،  يېڭى ئېمبارگو قارار لايىھەسىدە كىم جۇڭ ئۇننى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش  ماددىسى يوق.

شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان يېڭى ئېمبارگولارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 9 ئەزاسىنىڭ ماقۇل بولۇشى ۋە 5 دائىمىي ئەزاسىنىڭ بۇنى ۋېتو قىلماسلىقى لازىم.

شىمالىي كورېيە 3-سىنتەبىردە ھىدروگېن بومبىسى سىناق قىلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر