بىرما - باڭلادىش چېگراسىدا مىنا پارتلىدى

بىرما – باڭلادىش چېگراسىدا مىنا پارتلاپ، ئاراكانلىق 3 مۇسۇلمان ھاياتىدىن ئايرىلدى.

804712
بىرما - باڭلادىش چېگراسىدا مىنا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما – باڭلادىش چېگراسىدا مىنا پارتلاپ، ئاراكانلىق 3 مۇسۇلمان ھاياتىدىن ئايرىلدى؛ باڭلادىشتا چىقىدىغان «Dhaka Tribune» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرما چېگراسىدىكى باندارمان رايونى چېگرا بويىغا كۆمۈلگەن بىر مىنا، ئاراكاندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قېچىۋاتقان مۇساپىرلار ئۆتۈۋاتقان ئەسنادا پارتلاپ، ئاراكانلىق 3 مۇسۇلمان ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىر كىشى يارىلانغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، بىرما ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملىشىۋاتقان ئاراكان ئۆلكىسى بىلەن باڭلادىش چېگراسى بويىدىكى رايونلاردىن قاچقان روھىڭيالار (ئاراكان مۇسۇلمانلىرى) نىڭ ئۆي – ماكانلىرىغا قايتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆتۈش يوللىرىغا مىنا كۆمگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ھەتتا بايقالغان بەزى مىنالارنىڭ ئەتراپىنى ئېچىپ سۈرەتكە تارتىپ تارقاتقانىدى.

باڭلادىش تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئۆتكەن ھەپتە بىرمانىڭ داككادا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ۋەكىلى ئائۇڭ مايىنتنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، ئاراكاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا بىرماغا ئۇلتىماتۇم تاپشۇرغان ۋە ئۇلتىماتۇمدا، بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ باڭلادىش چېگراسىغا مىنا كۆمگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلاردىن قايغۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

ب د ت، ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدىن بۇيان ئاراكاندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قېچىپ باڭلادىشقا كەلگەن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار سانىنىڭ 290 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر