ئامېرىكا: بىرمىنىڭ ئاراكانلىق پۇقرالارغا قاراتقان زوراۋانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىكى ھېيلى بىرما دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئاراكاندا پۇقرالارغا قاراتقان زوراۋانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

803952
ئامېرىكا: بىرمىنىڭ ئاراكانلىق پۇقرالارغا قاراتقان زوراۋانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېيلى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئاراكان ئۆلكىسىدە ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقانلىقىنى، 270 مىڭ كىشىنىڭ باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى، بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا مەسۇم پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. ۋاشىنگتون بىرما دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا پۇقرالارنى قوغداشقا چاقىرىدۇ. پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش ساھەدىكى زوراۋانلىقنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈمىدىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. رايونغا ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجلىق ساھىبلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش مەسىلىسىدە بىرما ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرىمىز.»

ئەنگلىيە خەلقئارا تەرەققىيات ئىشلىرى ۋەزىرى پرىتى پاتېلمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، بىرما ھۆكۈمىتىنى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە خاتىمە بېرىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ رايونغا يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە رۇخسەت قىلىشقا چاقىردى.

يېمەك – ئىچمەككە مۇھتاج 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ۋە ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان 3 مىڭ بالىنىڭ جىددىي ياردەم كۈتۈۋاتقانلىقىنى، بىراق ئۇلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە توسالغۇلۇق قىلىنىۋاتانلىقىنى قەيت قىلغان پاتېل: «بۇ ئەھۋال ئۆزگىرىشى كېرەك، جۈملىدىن بىرما ھۆكۈمىتى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ئۆز ئەھلىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە رۇخسەت قىلىشى لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر