بېيجىڭ: ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيەگە قارشى تاشلايدىغان «قوشۇمچە قەدەملىرى» نى قوللايمىز

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، دۆلىتىنىڭ ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيەگە قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

802935
بېيجىڭ: ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيەگە قارشى تاشلايدىغان «قوشۇمچە قەدەملىرى» نى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق يادرو سىنىقى ئارقىلىق ب د ت  نىڭ قارارلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىر ۋاڭ يى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ، ب د ت نىڭ پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى زۆرۈر بولغان قوشۇمچە قەدەملەرنى تاشلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، شىمالىي كورېيەنىڭ «يادرو مەسىلىسى قۇلۇپى» نى ئاچىدىغان ئاچقۇچنىڭ يېرىمىنىڭ بېسىم ۋە ئېمبارگولاردىن، قالغان يېرىمىنىڭ دىيالوگ ۋە مۇزاكىرىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، بۇ ئىككىسى بىر نۇقتىغا كەلگەندە، كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى يادرو مەسىلىسىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر