پۇتىن: شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار دۇنياغا ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن يەنە شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان نۇرمالدىن تاشقىرى ھەربىي بېسىملارنىڭ ئاخىرىلاشتۇرۇلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

801229
پۇتىن: شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار دۇنياغا ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن  شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن بەكرەك، بالايى – ئاپەت بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پۇتىن خىتايدىكى «BRICS» (بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي، جونۇبىي ئافرىقا) ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئېمبارگولارنى تەنقىد قىلدى. بۇ جەھەتتە تاشلانغان قەدەملەرنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى  بىلدۈردى.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى يۈرگۈزگەن ئېمبارگولارنىڭ شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پۇتىن، بۇ ئېمبارگولارنىڭ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئازاب چېكىشىگە سەۋەب بولۈش بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

پۇتىن يەنە شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان نۇرمالدىن تاشقىرى ھەربىي بېسىملارنىڭمۇ ئاخىرىلاشتۇرۇلىشى كېرەكلىكى، ئەكسىچە بولغاندا يەر شارى خاراكتېرلىق بىر ۋەيرانچىلىققا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن  شىمالىي كورېيە بىلەن خەلقئارا ئوتتۇرىسىدا ئەۋىج ئېلىۋاتقان جىددىيچىلىكلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىراقنى ئىشغال قىلىش جەريانىغا ئوخشاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شىمالىي كورېيە ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلمىغۇچە تېخىمۇ بەك ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا كۆكرەك كېرىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىنى توختىتىشقا ھەرگىز يىقىن كەلمەيدىغانلىقىنى جىكىلىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر