بىرما دۆلەت رەئىسىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى قايتۇرۇپ ئېلىش تەلەپ قىلىنماقتا

ئىسلام مائارىپى، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت بىرلەشمىسى «ISESCO» بىرما دۆلەت رەئىسى ئۇڭ سان سۇ كىيدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى قايتۇرۇۋېلىش توغرىسىدا تەلەپ سۇندى.

801487
بىرما دۆلەت رەئىسىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى قايتۇرۇپ ئېلىش تەلەپ قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام مائارىپى، ئىلىم–پەن ۋە مەدەنىيەت بىرلەشمىسى «ISESCO» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «بىرمادا مىڭلىغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشۋاتىمىز. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلماقتىمىز. بىراق، بىرما ھۆكۈمىتى بولسا، زۇلۇمغا كۆز يۇمۇپ كەلمەكتە. ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى ئارمىيەنىڭ ئۆيلەرگە بېسىپ كىرىپ مىڭلىغان كىشىنى ئۆلتۈرۈشىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرماقتا» دېيىلدى.

ئاراكانلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار، زۇلۇمغا دۇچ كەلگەن تەخمىنەن مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغان مەسئۇللارنىڭ بېشىدا، بىرمادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، 15 يىل قاماقتا ياتقان ۋە مەشھۇر سىياسىي مەھبۇس دەپمۇ نام ئېلىپ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىرما دۆلەت رەئىسى ئۇڭ سان سۇ كىي مۇھىم رول ئوينىماقتا.

ئۇڭ سان سۇ كىي قەتلىئامغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقى سەۋەبىدىن خەلقئارادىكى ئەڭ ئاتاقلىق گېزىتلەرنىڭ نارازىلىقىغا دۈچ كەلدى ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ قايتۇرۇېلىنىشى كېرەكلىكىگە دائىر تالاش-تارتىشلار باشلىنىپ كەتتى. 

ئىسلام مائارىپى، ئىلىم–پەن ۋە مەدەنىيەت بىرلەشمىسى «ISESCO» بۇ جەھەتتە يەنە بىر قەدەم تاشلاپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتېتىغا 1991–يىلى بىرما دۆلەت رەئىسى ئۇڭ سان سۇ كىينىڭ بىرمادىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىگە قارشى قىلغان كۈرەشلىرى سەۋەبىدىن ئېرىشكەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى لازىملىقى ھەققىدە ئىلتىماس سۇندى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ «قوراللىق گۇرۇپپىلارغا قارشى كۈرەش» دېگەننى باھانە قىلىپ، ئاراكان ئۆلكىسىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا، 25 -ئاۋغۇستتىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۆلتۈرۈلدى.

ھۇجۇمدا نىشان قىلىنغان 60 تىن ئارتۇق يېزىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆرۈپ تاشلاندى. ئون مىڭلىغان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى دەپلا رايوندىن قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولماقتا.

پۇقرالار قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يولى ئارقىلىق بىرمادىن باڭلادېشقا كېتىشكە تىرىشماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھازىرغا قەدەر 125 مىڭدىن ئارتۇق ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ باڭلادېشقا كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. يەنە مىڭلارچە ئاراكان مۇسۇلمانلىرى چېگرادا باڭلادېشقا كېتىش ئۈچۈن كۈتۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا. 
 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر